خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان نەزەرىيە ئۆگىنىشى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئالاھىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «خىتاي چۈشى» نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى «يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور تەرەققىيات» دەپ ماختىغان ھەمدە مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ «ئەندىشە تۇيغۇسى» نى كۈچەيتىپ جەڭگىۋار ھالەتنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
چېن چۈەنگو يىغىندا يەنە ئالاھىدە قىلىپ نۆۋەتتىكى زور تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەمىنلىكنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ چوڭ جەھەتتىكى مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتەك زور ۋەزىپە ئۈچۈن ھۇشيارلىقنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرماسلىق، قاتتىق ھۇشيارلىقنى ساقلاش، پارتىيە-ئارمىيە-ھۆكۈمەت زىچ ھەمكارلاشقان ھالدا ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە ئالاھىدە يوليورۇق بەرگەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي دۆلىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملارنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك بۇ ھال بۇندىن كېيىنكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت، دېدى.