چېن چۈەنگونىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماسلىقى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.20

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن چۈەنگونىڭ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماسلىقى «شىنجاڭنىڭ كېلەچىكى» ھەققىدە سۇئال پەيدا قىلغان. «نىكېي ئاسىيا تەقرىزى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر سىياسىي بيۇرو ئەزاسىنىڭ بۇ يىغىنلارغا قاتناشماسلىقى بىنورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە 2-قېتىم بۇ خىل ئاچقۇچلۇق يىغىنلارغا قاتناشماسلىقى ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى16 ۋە 17-نويابىر كۈنلىرى بېيجىڭدا «قانۇن بىلەن باشقۇرۇش» خىزمەت يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا شى جىنپىڭ سۆز قىلغان بولۇپ، يىغىنغا سىياسىي بيۇرونىڭ 25 ئەزاسىدىن پەقەت چېن چۈەنگو قاتناشمىغان. ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈزشكە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان چېن چۈەنگونىڭ بۇ يىغىندا يوقلىقى «نىكېي ئاسىيا تەقرىزى» نىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

«نىكېي ئاسىيا تەقرىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەن چۈئەنگو ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 29-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغىمۇ قاتناشمىغانىكەن. خەۋەردە، خوڭكوڭ تاراتقۇلىرى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارالغان يۇقۇم سەۋەبلىك بۇ يىغىنغا قاتناشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كارانتىن ۋاقتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئاخىرلاشقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ھەپتىدىكى يىغىنغا نېمە ئۈچۈن قاتناشمىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، بۇنىڭ چېن چۈەنگوغا بىرەر ئىش بولدى، دېگەن گۇمان ۋە «شىنجاڭنىڭ كېلەچىكى» ھەققىدە سۇئال پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.