خىتاي تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارقىلىق ناھىيەسىدىكى كىچىك دەريا، يەنى كىچىك مىرەن رايونىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن پرو-بىئوتىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى سۈزمە (كېفىر) پىشلاقى تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئاچچىق سۈزمىدىن ياسىلىدىغان بۇ خىل پىشلاقنى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ھازىرمۇ ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ، «مۆچۈلۈ» دەپ ئاتايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقاتچىلار DNA لىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭدىن 3500 يىل ئاۋۋالقى مىس قوراللار دەۋرىدە، بۇ جايلاردا ياشىغان خەلقلەرنىڭ سۈزمە (كېفىر) دىن پىشلاق ياساپ ئىستېمال قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ پىشلاق چارقىلىق ناھىيەسىدىكى خىتايچە «شياۋخې» يەنى «كىچىك دەريا» دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋالغان قۇرۇق جەسەتنىڭ بوينىدىن بايقالغان مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت سۈت ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ئۆچكە سۈتى ۋە ئېچىتقۇ باكتېرىيەسىنىڭ DNA سىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، چارقىلىقنىڭ كىچىك مىرەن رايوندىكى بىر كىچىك دەريا ئېقىنىنىڭ بويىغا جايلاشقان بۇ قەبرىستانلىق 2003-يىلى قېزىلغان. بۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ۋە خىتاي ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن «كىچىك دەريا گۈزىلى» دەپ نام قويۇلغان بىر ئايالنىڭ مۇمىياسى (قۇرۇق جەسىتى) ئۇيغۇرلاردا «كىچىك مىرەن گۈزىلى» دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. «كىچىك مىرەن گۈزىلى» نىڭ مۇمىياسى 2011-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەسەتنىڭ «مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكى» سەۋەبىدىن كۆرگەزمىنى مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى.
«كىچىك دەريا» قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇيۇملار ئىلگىرىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنغان، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بۇيۇملارغا قارىتا خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن DNA لىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر. بۇ DNA تەكشۈرۈشى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيەسىگە قايتا باھا بېرىپ، ئۇلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسىتىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى قەدىمىي خەلقلەر بىلەن بولغان ئېتنىك باغلىنىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم خەلقتەك كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.
