خىتاينىڭ ياپونىيەدە تەنقىد چۇقانلىرىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.10

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت ھالقىغان پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياپونىيەدە ياشايدىغان خىتايلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن توسماقچى بولغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن 25 كىشىنى زىيارەت قىلغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بەزىدە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تۇغقانلىرىنى پەش قىلىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە ياكى خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ياپونىيە تەۋەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ياكى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ياكى موڭغۇل پائالىيەتچىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن جىسمانىي زوراۋانلىق قوللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىشىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

بۇ دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك بىخەتەرلىك ئورگانلىرى چەت ئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، لاگېرلارغا سولاش ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملىرىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە قىزغىن ئالقىشلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.