30 - ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ستالىننىڭ 1937 - 1938 - يىللىرىدىكى سىياسىي تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تور سەھىپىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 30 - ئۆكتەبىر كۈنى موسكۋادىكى «ساخاروۋ مەركىزىدە «1937 - 1938 - يىللىرىدىكى چوڭ تېررور» ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ كۈنى يەنە موسكۋادىكى سابىق ن ك ۋ د ئورگىنىنىڭ 1937 - 1938 - يىللىرى ئارىسىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇتوۋسكىي جازا مەيدانىدا «خاتىرەلەش ئاۋازى» دېگەن نامدا «چوڭ تېررور»قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشۇرۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موسكۋادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى جايلاشقان لۇبىيانكا مەيدانىدىكى سىياسىي تەقىپبلەش قۇربانلىرى ئۈچۈن ئورنىتىلغان خاتىرە تاش ئالدىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.
ساخاروۋ مەركىزىدىكى سىياسىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسىنى پولشالىق فوتوگراف توموشا كىزنى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ توپلىغان 1937 - 1938 - يىللىرىدىكى سىياسىي تازىلاشقا ئائىت سۈرەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىسى يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.
1937 - 1938 - يىللىرىدىكى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور سىياسىي تەقىبلەش ۋە جازالاش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى) ئېلىپ بارغان مەزكۇر تازىلاشتا تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئېتىپ تاشلانغان ھەم ئەمگەك لاگىرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بار.
روبېرت كونكۋېستنىڭ مەلۇماتىچە، 1937 - 1938 - يىللىرى 7مىليوندىن 8 مىليونغىچە ئادەم قولغان ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليودىن 1 يېرىم مىليونغىچە ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. تەخمىنەن 2 مىليون ئادەم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا ئۆلگەن ياكى ئېتىۋېتىلگەن.
تارىخچى ۋ.زېمسكوۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەڭ دەھشەتلىك تازىلاش 1937 - 1938 - يىللىرى بولغان بولۇپ، 1مىليون 300 مىڭ ئادەم جازالانغان.