خىتاينىڭ داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.24

خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېخنىكا ھۆددىگەرلىك تۈرلىرىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داخۇا شىركىتى 23-دېكابىر ئاكسىيە بازىرى ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەت ۋە ئۇنىڭ تارماق كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئىمزالىغان بەش تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. داخۇا شىركىتى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ داڭلىق تېخنىكا كارخانىسى-خەيكاڭ شىركىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان 2-شىركىتىدۇر. خەيكاڭ شىركىتى بىلەن داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسى 2019-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، داخۇا شىركىتى ئاكسىيە بازىرىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ 2016-ۋە 2017-يىللىرى ئالغان بەزى تۈرلەرنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقى، لېكىن بىر قىسىم تۈرلەرنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، داخۇا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا قانداق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ رايوندىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. خەيكاڭ شىركىتى بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىمۇ، بۇنىڭ سەۋەبىگە چۈشەنچە بەرمىگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى داخۇا بىلەن شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ قالغان يەتتە تېخنىكا شىركىتىنى ئۆزىنىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە قارىتا «باستۇرۇش ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت» ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا داخۇا شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى «پاكىت ئاساسى يوق» دەپ رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.