«تېرەن تىنتىش» (Deep Seek) ئەپىدە ئۇيغۇر ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر تېمىلار چەكلەنگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.28

خىتاي ياساپ چىققان سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىدىن «تېرەن تىنتىش» (Deep Seek) ئەپ ماگىزىنىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن تەڭلا بۇ ھەقتىكى تەنقىد ۋە غۇلغۇلا چۇقانلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

روس ئاندېرسون (Ross Anderson) ئىمزاسىدا «كۆزەتكۈچى» گېزىتىنىڭ 27-يانۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئاپتور مەزكۇر ئەپنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلار كىم؟» دەپ سورىغان. «تېرەن تىنتىش» بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللىق خەلق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا زور دىققەت قوزغاۋاتقان تېمىلاردىن بولۇۋاتقانلىقىنى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، كوللېكتىپ نازارەت، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلارغا نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئارقىدىن ئۇشتۇمتۇتلا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا يۇيۇلۇپ كەتكەن ھەمدە تېزدىن «كەچۈرۈڭ! بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ھازىرچە قولۇمدىن كەلمەيدۇ. باشقا تېمىلار ھەققىدە سۆزلىشەيلى» دېگەن ئۇچۇرنى كۆرسەتكەن.

ئاپتور يەنە «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە سوئال سورىغاندا، مەزكۇر ئەپ يەنە ئوخشاش شەكىلدە ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر ئەپنى ئىشلىتىپ باققانلاردىن جوردان ئىسىملىك بىر ياش «قېنى، شى جىنپىڭنى تەنقىدلەپ باققىن» دېگەندە بۇ ئەپ ئوخشاشلا بۇنىڭ ئۆزى جاۋاب بېرەلەيدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ قايتۇرۇپلا «ئەمىسە دونالد ترامپنى تەنقىدلەپ باققىن» دېگەندە مەزكۇر ئەپ تېزدىن دونالد ترامپنىڭ ئونلىغان «قاملاشمىغان» تەرەپلىرىنى قاتىرىغا تىزىپ چىققان.

«قەبىھ خىتاي» نامىدىكى قوللانغۇچى 28-يانۋار كۈنى «تېرەن تىنتىش» ھەققىدە سۆز قىلىپ، مەزكۇر ئەپنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىدە ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى باشقا ئەپلەرگە ئوخشاش بۇنىڭمۇ خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر غەرب دۇنياسى تەمىن ئەتكەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.