خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق دىنىي زات ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ يېقىنقى 28 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە يېتىۋاتقان خەلق ئىچىدە «كېرەم قارى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئاتاقلىق دىنىي زات ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئۆزى يېتىۋاتقان تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىنىسى مۇھەممەت ئېمىن ئابدۇۋەلى دەلىللىگەن. لېكىن ئۇنىڭ قايسى كۈنى ۋاپات بولغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ قانداق خەۋەر تاپقانلىقى ۋە دەپنە ئىشلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئاخىرقى قېتىم 2013‏-يىلى رادىيومىز ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، تۇغقانلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بەك ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ شۇ يىلى 58 ياشلىق كېرەم قارىنى چاقلىق ھارۋىدا كۆرۈشۈشكە ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ بارماق بوغۇملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ، ئۇزۇن يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭدا ئېغىر رېماتىزم پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1991‏-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2002‏-يىلى ئۇنىڭ قاماق جازاسى توشقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر 2002‏-يىلدىن 2014‏-يىلغىچە ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئارقا-ئارقىدىن 5 قېتىم ئۇزارتقان. ئاخىرقى قېتىم 2014‏-يىلى 5 يىل ئۇزارتىلغان.

ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېرەم قارىنىڭ قاماق جازاسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇزارتىلىشىغا ئۇنىڭ تۈرمىدە ناماز ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلىشى سەۋەب بولغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى ئارقا-ئارقىدىن 5 قېتىم ئۇزارتىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2014‏-يىلى 4‏-ئاينى «ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئېيى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى دەلىللىنىپ، تۇتقۇنلارنى دىنىي ئېتىقادى، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت