«ئاكسىيوس» (Axios) تورىنىڭ 29-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي كومپارتىيەسىنڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈشتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گورۇپپىسى» (Uyghur Caucus) تەشكىللىگەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مەزكۇر «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گورۇپپىسى» ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى قىلىشى بىلەن مەجلىس ئەزالىرىدىن توم سۇوزى ۋە كىرىستوفېر سىمىس تەرىپىدىن قۇرۇلغان.
توم سۇوزى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە مەزكۇر گورۇپپا ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «تۈنۈگۈن مەن خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلغان 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە ھالقىغان ‹ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گورۇپپىسى› قۇرۇشقا ياردەم قىلدىم».
توم سۇوزى «ئاكسىيوس» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئەرزان. شۇڭا كىشىلەر: ‹ۋاي خۇدايىم، ئەگەر بىز شىنجاڭ بىلەن سودا قىلمىساق، مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى ئۆرلەيدۇ›دېيىشىدۇ. بۇ بەك ئىچىنارلىق ئىنكاس. بۇ ھەممەيلەننىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىشى كېرەك».