«دۆلەت ئورتاق تىلى دەرسخانىسى» خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ كېڭەيتىلگەن
2018.02.10
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» ۋە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «دۆلەت ئورتاق تىلى دەرسخانىسى» ھەرىكىتىنى خىتاي شەھەرلىرىدە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قەدەر كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، 6-فېۋرال گۇاڭجۇ شەھىرى دائىرىلىرى مەزكۇر شەھەردە سودا قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر رېستورانىغا ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىلى دەرسخانىسى» لەۋھەسىنى تەقدىم قىلغان.
خەۋەرگە بېرىلگەن مۇراسىم ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر پائالىيەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە كېڭەيتىلگەن ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» بايرىقى ئاستىدا يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم.
لەۋھەنى گۇاڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭلىق سودىگەرلەرنى باشقۇرۇش ئورنى بىرلىشىپ تارقاتقان.
بۇ رېستوراندىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرگە خىتاي تىلى دەرسى ئۆتۈشنى مەزكۇر شەھەردىكى يىڭتەي باشلانغۇچ مەكتىپى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەكتەپ تەيىنلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم رېستورانغا كېلىپ دەرس ئۆتىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كېڭەيتكەن ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن «تۇغقان» بولۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى زور بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە يېتىپ-قوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
كېيىن بۇ كادىرلارنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ خىلدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» ۋە «دۆلەت ئورتاق تىلى دەرسخانىسى» نىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كېڭەيتىلگەن، كېڭەيتىلمىگەنلىكى، ئۇيغۇر رېستورانىغا تەيىنلەنگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈشتىن باشقا يەنە قانداق يوشۇرۇن ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.