دۇنيا پۇقرالار سوتى شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.15

ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيەنىڭ گائاگا يەنى دەنھاگ شەھىرىدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. دۇنيا پۇقرالار سوتىنىڭ 12-ئىيۇل ئېلان قىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر سوت شى جىنپىڭنىڭ تىبەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىشى ۋە سوتلىنىشى ئۈچۈن «يېتەرلىك قانۇنى ئاساسلارغا ئېرىشكەن. »

سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا، خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنى قولغا ئېلىشقا چاقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوتنىڭ شى جىنپىڭنى تۇتۇش ھەققىدىكى مەجبۇرلاش كۈچى بولمىغان بۇ قارارىغا ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

8-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە داۋاملاشقان سوتتا گۈلباھار خاتىۋاجى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئابدۇرېھىم غېنى قاتارلىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە خىتاي شاھىتلار گۇۋاھلىق بەرگەن. دۇنيا پۇقرالار سوتىنىڭ شى جىنپىڭ ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش، تۈرمىگە قاماش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، قىيناش، باسقۇنچىلىق ۋە تۇغماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسى زوراۋانلىق، ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، جازالاش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭنىڭ تىبەتتە بالىلارنى مەجبۇرىي يۆتكەش، كىشىلەرنى تۈرمىگە قاماش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن جازاغا تارتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دۇنيا پۇقرالار سوتىنىڭ قارارىنىڭ قانۇنى مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى زور، دەپ قارالماقتا. مەزكۇر دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى 2023-يىلى 2-ئايدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى سوتلاپ، ئۇنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەن. مەزكۇر سوتنىڭ قارارىدىن بىر ئاي كېيىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.