ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار قوللاپ كېلىۋاتقان بىر پالاتا ئەزاسى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.30

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاۋام پالاتا ئەزاسى، پارلامېنتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى كاتېرىن ۋېستنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆتكۈزگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى تەنقىدكە ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 25-سېنتەبىر كۈنى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تەبرىكلەشكە قاتناشقان كاتېرىن ۋېست، پائالىيەتتە خىتاي ئارتىس قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىملىرىنى كىيىپ ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە، كاتېرىن ۋېستنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ھەتتا كاتېرىن ۋېستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى بېكىتكەن پەيتتە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە قاتنىشىپ، خىتاي قىزلىرىنىڭ ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى كۆرۈشى، «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاممىسىغا قىلىنغان ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

بۇنىڭغا «خەلقئارا پارلامېنتلار خىتاي ئىتتىپاقى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفورت، 30-سېنتەبىر X تا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «ئەگەر بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئەندىشىلىرىمىزنى قورقۇنچلۇق ۋە ئىرقچىل بىر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئايلاندۇرغان بېيجىڭنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش دىيالوگىغا كۆڭلىدىن قىزىقىدۇ، دەپ قارىسىڭىز، كاللىڭىزنى تەكشۈرۈش بېقىشىڭىز كېرەك» دېگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىيە ئورگانلىرى ۋە بېيجىڭپەرەس خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ چاغان ۋە دۆلەت بايرىمىغا ئوخشاش تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خەۋەرلەردە، كاتېرىن ۋېستنىڭ 2021-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى، دەپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ لوندون ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغان يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى سورىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.