ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتايدىن رەسمىي زىيارەت باھانىسى بىلەن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلەشنى ئويلاشماقتىكەن.
«بلۇمبېرگ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەگە ھۆكۈمەت ۋە تىجارەت ئىشلىرى ئۈچۈن رەسمىي زىيارەت بىلەن كېلىدىغانلارغا ئادەتتە ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈش تەلىپى قويۇلمايدىكەن. شۇڭا ئەنگلىيە رىشى سۇناك ھۆكۈمىتى بۇ سىستېمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان رەسمىي زىيارەت ۋىزىلىرىنى قىسقارتماقچى بولغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ «بلۇمبېرگ» قا بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى رەسمىي زىيارەتلەرنىڭ سانىنى قانداق كونترول قىلىش، سانىنى قانداق بېكىتىش ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى زىيارەتلەرنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىشكە ئوخشاش مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. ئەنگلىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى خەتەرنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى قائىدىلەرنى چىڭىتىدىكەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تارتىپ، ھالقىلىق كەسىپلەرگىچە كېڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر زورايغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. «بلۇمبېرگ» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخباراتى 5-باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى كېن ماككاللۇم بۇلتۇر ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ قاتتىق ئېغىرلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.