توقسۇ ناھىيەسىدە «كۆسەن دەۋرىدىكى ئەنشى قوۋۇق مەھكىمىسى» قايتا ياسالغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.07.28

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدە تاڭ دەۋرىگە ئائىت ئەنشى قوۋۇق مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسى ياسالغان. ئەنشى قوۋۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى لەشكەرگاھ-توققۇزباشى شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى 2018-يىل 9-ئايدا باشلىنىپ، 2019-يىل 8-ئايدا ئاياغلاشقان.

خىتاينىڭ تارىخچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تاڭ دەۋرىدىكى ئەنشى قوۋۇق مەھكىمىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى باشقۇرىدىغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئورگان بولۇپ، مىلادىيە 640-يىلدىن 790-يىلغىچە 150 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. لېكىن چەتئەل تارىخچىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماس قاتارلىقلار خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بۇ خىل قاراشلىرىغا قوشۇلمايدۇ ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇنداق ئۇزۇن مەزگىللىك مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي گازارمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەنشى قوۋۇق مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسى توققۇزباشى قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلىش ئورنى، تاغ، سۇ، راۋاق، كۆزىتىش مۇنارى، تەقلىدىي ياسالغان قەدىمىي كوچىنى زىيارەت قىلىش ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قۇرۇلۇشلار تامامەن قەدىمىي خىتاي ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، شەھەر سېپلى، خەندەك، تاش كۆۋرۈك، دەرۋازا، ئات يولى، پىيادىلەر يولى قاتارلىقلار ئىچكىرىدىكى خىتاي قەدىمىي شەھەر مۇزېيلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

تارىخچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر دىيارىنى تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىپ، بىر مۇددەت قىسقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ دىيارنىڭ خىتاينىڭ ئەزەلدىن بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. مىلادىيە 840-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ يەردە يەنە ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان ھەم تاڭ سۇلالىسىنىڭ بايرىقىنى چۆرۈۋەتكەن، ئەنشى قوۋۇق مەھكىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالغان. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمىي كۆسەن دۆلىتىنىڭ بىر مەزگىل تاڭ دەۋرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىش، مەدەنىيەت نامى ئاستىدا مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىش، ئۇيغۇر دىيارىنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ ئاتالمىش «تارىخىي مەدەنىيەت باغچىسى» نى قۇرۇپ چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.