قاغىلىقنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىق رايونلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلار ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلانغان
2020.11.27
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىدىكى ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلىرىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يۇرت-ماكانى ۋە ئەنەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلغان بۇ دېھقان-چارۋۇچىلار خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلانغان بولۇپ، كۆچۈپ بارغان جايدىكى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ۋە يېزا-ئىگىلىك فېرمىلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ قاغىلىقنىڭ كۆكيار قاتارلىق تاغلىق رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق 14 مىڭ ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىنى بۇ ناھىيەنىڭ ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تاغلىق رايونلاردىكى ئەركىن ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلىرىنى كۆچۈرۈش مەقسىتى سۇئال پەيدا قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانى ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلىرىنى ئەرزان باھالىق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۇك كونترول قىلىشنى مەقسەد قىلغان، دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلىرى خىتايلارنىڭ بۇ بازارغا قۇرۇلغان ئاياق زاۋۇتى، كۆكتات پارنىكلىرىدا ئىشلىمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ ئۇيغۇر يېزا-بازارلىرىدا نۇرغۇن كارخانىلارنى قۇرغان. ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلىرىنى يەر ماكانىدىن ئايرىپ، بۇ زاۋۇت-كارخانىلارغا باغلىق ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.