خىتاي «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركۈملەپ ۋىرۇس پارتلىغان ئۆلكىلەرگە يۆتكەشكە باشلىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كورونا ۋىرۇسى كەڭ تارقالغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەشكە باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇلاردا خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا تېخىمۇ گۇمان ۋە ئەندىشە قوزغىماقتا. ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، 22 ۋە 23‏-فېۋرال كۈنلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئاز كەم 400 دەك ئۇيغۇر ياش خوتەن، ئاقسۇ ۋە ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن خىتاينىڭ جېجياڭ، خۇنەن، جياڭشى ئۆلكىلىرىگە يوللانغان. بۇ ئۆلكىلەر خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىدىن ئەڭ قاتتىق يۇقۇملانغان ئۆلكىلەر بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەر ۋىرۇس سەۋەبلىك قاتتىق كارانتىنغا ئېلىنغانىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «جوڭگو خەۋەرلىرى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 23‏-فېۋرال كۈنى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن 114 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى پويىزدا جياڭشىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىگە يولغا سالغان. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئاقسۇ شەھىرىدىن 100 نەپەر ئۇيغۇر ياش جېجياڭنىڭ خاڭجو شەھىرىگە ۋە خوتەندىن 171 نەپەر ياش خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىگە يولغا سېلىنغان. لېكىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋىرۇس رايونىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن زاۋۇت كارخانىلار تاقىلىپ كەتكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىكتەك بۇ بوشلۇقنى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر بىلەن تولدۇرۇشقا كىرىشكەن.