ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە ئىچىدە 2 مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ يادرو كىسلاتا ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-24
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە كورونا ۋىرۇسى قايتا تارقالغان يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئاز كەم 2 مىليون 310 مىڭ كىشىنىڭ يادرو كىسلاتا ئەۋرىشكىسى تەكشۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ياسىن سىدىقنىڭ 24-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، 23-ئىيۇل بىر كۈننىڭ ئۆزىدە 683 مىڭ 95 كىشىنىڭ يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ھەقسىز تەكشۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ماددىي ۋە ئادەم كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ يادرو كىسلاتا ئەۋرىسكىسىنى تەكشۈرۈشى دىققەت قوزغىدى.

ياسىن سىدىق 24-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىنى «چۈشەڭەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ھەمكارلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدە «يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىمۇ نۇرغۇن ماددىي ۋە ئادەم كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بارغان. لېكىن كېيىنرەك بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، DNA ئامبىرى قۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى DNA ئارقىلىق كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ياسىن سىدىقنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يادرو كىسلاتا ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە 7 مىڭ خادىم قاتنىشىپ، كېچە-كۈندۈز ئىشلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قايتا تارقىلىشىغا قانداق ئامىل سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-ئىيۇل كۈنى رايوندا 13 يېڭى يۇقۇمدار ۋە 19 نەپەر يۇقۇم گۇماندارى بايقالغان. يېڭى بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت