ESG فوندلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنى بىر مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.30

خەلقئارالىق سەرمايە باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە باشقۇرۇش فوندلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 14 توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا شىركىتىنى ئاز دېگەندە بىر مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Ignites Asia نىڭ بىر مالىيە ئاخبارات ئورنى خەلقئارالىق سەرمايە فوندلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «نىڭدې زامان يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» گە ئوخشاش خىتاي كارخانىلىرىغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنى تەكشۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەر «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى تەكشۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

«مالىيە ۋاقتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارالىق سەرمايە فوندلىرىنىڭ بىر مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مەبلىغىنىڭ جەمئىي بىر مىليارد يۈز مىليون دوللىرى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان «نېڭدې زامان يېڭى ماتېرىياللىرى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» گە سېلىنغان ئىكەن. ھالبۇكى، «نېڭدې زامان يېڭى ماتېرىياللىرى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ، غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدە رىقابەت كومىتېتى» بۇ يىل 6-ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدىي خەلقئارا ئادالەت مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلاتتىمۇ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. «مالىيە ۋاقتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خەلقئارالىق سەرمايە فوندلىرى «نىڭدې» شىركىتىدىن سىرت، خىتايدىكى Black Rock ،Nordea ۋە «توقسان بىر» ناملىق شىركەتلەرگىمۇ مەبلەغ سالغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.