2024-يىللىق G-7 دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەدە باشلانغان
2024.06.13
2024-يىللىق «سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى»، يەنى G-7 دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەنىڭ ئاپۇلىيا رايونىدا باشلانغان.
مەزكۇر يىغىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە يەنە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلغان.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-ئىيۇن كۈنى باشلانغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ھەمدە ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرىمۇ قاتناشقان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 13-ئىيۇن كۈنىدىن 15-ئىيۇن كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن جەريانىدا G-7 دۆلەتلەر رەھبەرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقانىڭ تەرەققىياتى، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق دۇنيا كۈنتەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە سۆزلىشىدىغانلىقى مەلۇم.
«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يىغىن جەريانىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى خىتاي بولۇپ، ئامېرىكانىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن ئىبارەت ناچار سودا ئۇسلۇبىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە، G-7 ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا 50 مىليارد دوللار قەرز پۇل بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، G-7 دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخانا دۆلىتى بولغان ئىتالىيە بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا يەنە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىئوردانىيە، كېنىيە، ئالجىرىيە، تۇنىس ۋە ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنى ھەمدە يەنە پاپا فىرانسىس قاتارلىقلارنىمۇ تەكلىپ قىلغان.