گ20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى خاڭجۇدا باشلاندى


گ20 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، خاڭجۇ يىغىنىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە كەڭ قورساق ھالدا تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئورتاق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گ20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خاڭجۇ يىغىنىدا ئىقتىسادىي تېما يەنىلا ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىق، رايون بىخەتەرلىكى، سۈرىيە مەسىلىسى، سودا، كىلىمات ۋە باشقا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گ 20 دۆلەت تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ گ د پ سى، يەنى، ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، دۇنيا گ د پ سىنىڭ 80%نى ئىگىلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاھالىسى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلغان.

يەكشەنبە كۈنى كەچتە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى يىغىن قاتناشقۇچى رەھبەرلەرگە مەخسۇس كەچلىك زىياپەت بەرگەن.

گ20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى تۇنجى قېتىم خىتاي تەرىپىدىن ساھىبخانىلىق قىلىنغان بولغاچقا، خىتاي مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ، داغدۇغا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۇقىرى دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللانغان.