ئامېرىكادىكى «پولىتكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 28-ئاپرىل كۈنىدىكى سۆزىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ۋە خوڭكوڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق «ئىچكى ئىشلار» دىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان.
لى كېچياڭ «6-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-خىتاي ھۆكۈمەت مۇزاكىرىسى» يىغىنىدا «خىتاي بىلەن گېرمانىيەنىڭ بەزى مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىقى بىر پاكىت، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە مۇھىم كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلسىلا، بىز باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا ئالاقە قىلساقلا. . . پەرقنى ئازايتىپ، ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرەلەيمىز،» دېيىش ئارقىلىق گېرمانىيەنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرغان.
لى كېچياڭنىڭ بۇ سۆزلىرى دەل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىدا 5-ئاينىڭ 17-كۈنى «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» توغرىسىدا ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
بىراق ئانگېلا مېركىل سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە لى كېچياڭنىڭ ئەكسىچە، سودا ھەم كىشىلىك ھوقۇق مۇزاكىرىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى بىۋاستە تىلغا ئالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما «گېرمانىيە ۋە خىتايدىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن مۇھىم،» دېگەن.
باش مىنىستىر مېركىل كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تىلغا ئېلىپ، «بۇ يەردىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ئويلىغىنىمىزدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىز گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز،» دېگەن.
گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى كېڭەشتىن كېيىنكى باياناتىدا «ئىككى رەھبەر جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى،» دېگەن.