گېرمانىيەدە ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەن بىر خىتاي ئايال قولغا ئېلىنغان
2024.10.02
گېرمانىيە دائىرىلىرى 1-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى، بىر نەپەر خىتاي ئايالنى جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن قولغا ئالغان.
پولىتكو گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 38 ياشلىق خىتاي پۇقراسى x ياچى گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى توغرىسىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى توپلىغانىكەن.
X ياچى، گېرمانىيەنىڭ شەرقىدىكى لېيپزىگ خاللې (Leipzig/Halle) ئايرودۇرۇمىدىكى بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ 2023-يىلى 8-ئايدىن 2024-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا لېيپزىگدىن ئۆتىدىغان ئايروپىلان، يۈك ۋە يولۇچىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ گېرمانىيەدىكى يەنە بىر خىتاي جاسۇس گۇماندارى x جيەنگە يەتكۈزۈپ بەرگەن.
X جيەن بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ خادىمى بولۇش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، «يۇقىرىدىكى گۇماندارلار ئاساسلىق ھەربىي مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ توشۇلۇشى ۋە گېرمانىيە مۇداپىئە شىركىتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولۇپ، بۇ گۇماندارلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئادەملىرى بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى» ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا قولغا ئېلىنغان x جيەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى رادىكال ئوڭچى پارتىيە بولغان «گېرمانىيە ئۈچۈن يېڭى تاللاش» (Alternative for Germany) ناملىق پارتىيەسى ئەزاسى ماكىسىملىيان كراخنىڭ ئىشخانىسىدا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن. ماكىسىملىيان كراخ x جيەننى 2019-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ياردەمچىسى قىلىپ ئىشقا ئالغان بولۇپ، ئۇ شۇندىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي ئىستىخبارات دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ كەلگەن.
بۇ، بۇ يىل گېرمانىيە تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئىستىخباراتىغا چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان 5-ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.