خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى شىركىتى — گۇگۇل (Google) بۇ يىل كۈزدە خىتاي بازىرىغا قايتا كىرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گۇگۇل شىركىتى نۆۋەتتە Google Play (گۇگۇل بازىرى) نىڭ خىتايچە نۇسخىسىنى خىتاي بازىرىغا ئېچىش ئۈچۈن تەستىق ئېلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
گۇگۇل 2006 - يىلى خىتاي بازىرىغا تۇنجى قېتىم كىرگەندە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى مەزكۇر شىركەت 2010 - يىلى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن تىركەشكەن ۋە ئاخىرى شۇ يىلى مارتتا خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاپ، مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭغا يۆتكىگەن ئىدى.
ئەينى چاغدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى بايات ئېلان قىلىپ، گۇگۇلنى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە: «گۇگۇلنىڭ قارارى بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولدى» دېگەن ئىدى.
گۇگۇلنىڭ بۇ نۆۋەت يەنە قانداق شەرتلەر ئاستىدا خىتاي بازىرىغا كىرىشنى قارا قىلغانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى نامەلۇم.