ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.06.12

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ X دە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە ۋەھشىيلىكلىرى  داۋاملاشماقتا، بۇ جەرياندا گۈلشەن ئابباسمۇ  6 يىلدىن  بۇيان  خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ . خىتاي دائىرىلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسىمۇ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ھەمدە   ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن  ئېۋىن خېرىن (Evin Hern) ۋە راجا كىرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi) مۇ گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى  ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ گۈلشەن ئابباس دېلوسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ،  ناھەق تۇتۇلغان گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رادىيومىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا «تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىللەشكە قاتنىشىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش» جىنايەتلىرىنى ئارتىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك تۇتقۇنىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، شۇ جۈملىدىن خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تىيىپ، يالقۇن روزى، پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، قۇربان مامۇت، راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، ئابلىز ئورخۇن قاتارلىق زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.