خىتاي مەتبۇئاتلىرى گۇمىدىكى ۋەقەدە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ «ۋىجدانسىزلىق» قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
2017.02.16
خىتايدىكى يەر شارى ۋاقتى گېزىتى 17-فېۋرال كۈنى تارقاتقان ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، غەرب مەتبۇئاتلىرىنى« گۇمىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قوغدىدى» دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ گۇمىدىكى ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسىنى ئاساس قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنى ۋىجدانسىزلىق ۋە تېررورلۇققا ئىككى خىل ئۆلچەم قويدى دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا پىچاقلىق 3 كىشىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ 5 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 3 ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ھۇجۇمچى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكى، ۋەقەنىڭ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇ كۈنكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدە باشقا ھېچقانداق تەپسىلاتنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، رايوندىكى ئېغىر بېسىمنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى مۇشۇنداق رادىكال يوللارنى تاللاشقا قىستاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سۆزگە نارازى بولۇپ، غەرب ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلغان.
بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەربتىكى ئاخبارات -ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. شۇنداقلا ئەگەر ھەقىقەتەن بۇ ئۆزلىرى دېگەندەك تېررورلۇق ھۇجۇمى بولسا، ئاشۇ غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قورقماي، دادىل ھالدا گۇمىغا تەكلىپ قىلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا ئۈندىدى.