«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى: «پرېزىدېنت ترامپ شىنجاڭدىكى زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-01-08
Share

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىك 7-يانۋار «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى بىر ئىشنى بېجىرىشكە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي بېكىتىشكە چاقىرغان. مايكىل سوبولىك «ترامپنىڭ خىتايغا دائىر ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشىنى يەنىلا قىلغىلى بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئەمەلدارلار كېيىنكىلەرگە بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن.

مايكېل سوبولىك ماقالىسىدە، «ترامپ مەمۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلدى. لېكىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئەمەلدارلار ھېچقانداق بىر ئىشنى تەلەيگە قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. پرېزىدېنت ترامپ ئاخىرقى بىر تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭدىكى زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ رەسمىي بېكىتىشى كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمى 3 جەھەتتىن ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە چۈشىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغۇتنى چەكلەش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قەستەن جىسمانىي، روھىي زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئىقتىسادىي ئېمبارگو، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەھشىيلىكنى رەسمىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىپ باقمىغان. ئۇ بۇ ۋەھشىلىكنىڭ خاراكتېرى بېكىتىلگەندىن كېيىن مەزلۇملار قوغدىلىپ، زالىملار جازالانغىچە ئارقىغا قايتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، بۇ قارارنى كېچىكتۈرۈشنىڭ تاللاش يولى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت