ئۇيغۇر ئېلىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجاب ئارتىشنى چەكلەش قانۇنىنى رەسمىي ماقۇللاندى


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجاب ئارتىشنى چەكلەش قانۇنىنى رەسمىي ماقۇللاپ، يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىزچە تورىدا 10 - يانۋار ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ماقۇللاش ئورگانلىرى شىخۇا ئاگېنتلىقىغا مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا بارغانچە ئۆسۈۋاتقان ئۆزىنىڭ رەڭدار مىللىي كىيىملىرىنى تاشلاش ئاشقۇنلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان.»

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھىجبلانغان ئاياللار ۋە ساقال قويغان ياش ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا، كىتابخانلارغا كىرىشىنى، ھەتتا ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇن ماقۇللاش ئورگانلىرى ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ بېشىدا مەزكۇر قۇنۇن لايىھىسىنى تەييارلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى قانۇندا ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ قايسى ئاممىۋى سورۇنلاردىن چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن ۋە بۇ ئاتالمىش «ئاممىۋى سورۇنلار» نىڭ كونكرېتنى قايسى ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى شەرىھلەنمىگەن.