«ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىراتى ئامېرىكانىڭ Hikvision نى جازالاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى قارشى ئالغان

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى شىركىتى Hikvision نى جازالاش قارارىنى قارشى ئېلىپ، ئۇنى «تەھدىتكە قايتۇرۇلغان زۆرۈر ئىنكاس» دەپ باھالىغان.

يېقىندا «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ Hikvision شېركىتىنى جازالاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، Hikvision شىركىتى ئامېرىكانىڭ «دۆلەتلىك ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلەر تىزىملىكى» ((SDN گە كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەر بىلەن ھەرقانداق ئامېرىكا شىركىتى ياكى پۇقرالىرىنىڭ ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىكەن، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات ماقالىسىدە بۇ جازا ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ كۈنلەردە، خىتاي مۇئەسسەسەلىرىنى جازالاش كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىرغا قەدەر قويۇلغان جازالارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق چىشلىق بولۇپ باقمىغان. SDN تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىك، ھەر قانداق بىر شىركەتكە قارىتىلغان ئەڭ قاتتىق جازا ھېسابلىنىدۇ. جازانىڭ قانداق يولغا قويۇلۇشىغا ئاساسەن، ئامېرىكا Hikvision بىلەن ئالاقىسى بولغان ۋە ئامېرىكىنىڭ قانۇن سىستېمىسى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار ھەر قانداق ئادەمگە، ھەر قانداق ئورۇنغا جازا بېرىش ئارقىلىق، ئۇنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىجرا قىلالايدۇ.»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» يەنە ماقالىسدە خىتاينىڭ Hikvision شىركىتىگە بېرىلگەن بۇ جازانىڭ ئىنتايىن ئادىل ۋە ھەقلىق جازا بولغانلىقىنى تەكىتلىگەندە، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا قولىنى سوزۇشىغا ئاكتىپ ماسلاشقان، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى قولايلاشتۇرغان، ھەتتا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى بايقايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالارنى ياساپ بازارغا سالغان، خىتاينىڭ نازارەت ۋە تەقىبلەش ئاساسىدىكى مۇستەبىت تۇزۈمىنى ئافرىقا، ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى ھاكىمىيەتلىرىگە ئۆگىتىش ۋە ئېكىسپورت قىلىشتا زور رول ئوينىغان بىر رەزىل نىيەتلىك شىركەت ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلغان.

ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سانلىق مەلۇمات يىغىدىغان بۇ شىركەتنىڭ تا يېقىنغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكى، ھازىرغىچە ئەنگىلىيەنىڭ لوندون ۋە باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە Hikvision كامېرالىرى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ كامېرالاردىكى بىخەتەرلىك يوچۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇنىڭ ئىنتايىن ئەندىشىلىنەرلىك بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۇرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىدە، Hikvision شىركىتىنىڭ زامانىۋى مۇستەبىتلىكنىڭ پەللىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان شىركەتنى جازالاشنىڭ ئىنتايىن بىر توغرا ھەرىكەت بولغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە خاراكتېرلىق بايان بېرىلگەن.