ھىندونېزىيە خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشنى پىلانلىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.11

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش چۇقانلىرىغا غەربنىڭ «سىياسىي تەشۋىقاتى» دەپ كۆز يۇمۇپ كەلگەن ھىندونېزىيە، ئەرزان باھالىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشنى پىلانلىماقتىكەن. «ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 200 پىرسەنت باج قويۇش پىلانلاۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئامېرىكانىڭ سىياسىتىدىن ئىلھام ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىر تاموژنا بېجى قويۇش پىلانى ئەرزان باھالىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى كىچىك كۆلەملىك يەرلىك يەككە ئىگىلىككە جىددىي خىرىس قىلىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، دۇنيا بازىرىنى مونوپول قىلىش تاكتىكىسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى خىتاي ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانىدى. «ئەل جەزىرە» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىندونېزىيە سودا مىنىستىرى زۇلكىفلى ھاسان ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خىتاي ماللىرىنىڭ ھىندونېزىيە بازىرىغا ئېقىپ كىرىشى، ھىندونېزىيەدىكى كىچىك كۆلەملىك يەككە ئىگىلىكلەرنىڭ «ۋەيران بولۇش» خەۋپىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ماللىرىغا 200 پىرسەنت باج قويۇش پىلانى ئاياق كىيىمىدىن تارتىپ، كىيىم-كېچەككىچە، گىرىم بۇيۇملىرىدىن تارتىپ، فارفۇر بۇيۇملىرىغا بولغان كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي ماللىرىغا 200 پىرسەنت باج قويۇش پىلانى، خىتاي ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىن ئاتلاپ ئۆتۈشتە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق، غەرب بازىرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمى سودا ھەجمى 127 مىليارد دوللارغا يەتكەن. «ئەل جەزىرە» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندونېزىيە تاموژنا بېجى پىلانىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تەسىرى بولۇپلا قالماي، جاكارتا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگىمۇ مۇھىم تەسىرى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.