خوڭكوڭدا دېموكراتىك ھوقۇق نامايىشى


خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك گۇرۇھلار يەكشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا چىقارغان خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون رەھبەرلىكىنى سايلاش مەسىلىسىگە ئائىت ئىسلاھات قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نامايىش« قارا كىيىملىكلەر» نامايىشى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۆكتىچىلەر نامايىشقا 4000 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئەمما ساقچى تەرەپ بۇ رەقەمنى ئاز كۆرسىتىپ، 1800 ئەتراپىدا ئادەم بارلىقىنى كۆرسەتتى.

نامايىشچىلار ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيىپ، باشلىرىغا سېرىق لاتا باغلىغان،قوللىرىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 مېتىر كېلىدىغان قارا رەڭلىك لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ كوچا ئايلانغان. بۇ لوزۇنكىغا «ھۆكۈمەت ئىشەنچىنى يوقاتتى» دېگەندە سۆزلەر يېزىلغان. ئوقۇغۇچىلارمۇ نامايىشقا قاتناشقا بولۇپ، ئۇلار «دەرس تاشلاش» دېگەن خەت يېزىلغان قارا لوزۇنكا كۆتۈرگەن.

نامايىشنى خوڭكوڭدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ 60 نەچچە ئوقۇتقۇچىسى قوللاپ، ئىمزالىق خەت ئېلان قىلغان. 13 - سېنتەبىر كۈنى، 250 نەچچە ئوقۇتقۇچى ۋە ئالىملار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھات قارارىغا قارشىلىقىنى ئىپادە قىلغان. مەزكۇر نامايىشچىلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقىنى سايلاشتا خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك سايلاش ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنىڭ بارغانسېرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە 1 1 ئالىم مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 22 ۋە 23 - سېنتەبىر كۈنلىرىنى ئوقۇش تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.