خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2014 - يىلى خوڭكوڭنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.01.28


خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى 26 - يانۋار دۈشەنبە ئېلان قىلغان خوڭكوڭنىڭ 2014 - يىللىق مەتبۇئات ئەركىنلىكى دوكلاتىدا، 2014 - يىلى خوڭكوڭنىڭ مەتبۇئاتلىرى «پەردە ئارقىسىدىكى نامەلۇم قارا قولنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋال ئېغىرلاشقان» لىقىنى تىلغا ئېلىپ، خوڭكوڭدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا 2014 - يىلى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن دېموكراتىك نامايىش ۋە باشقا بىرقانچە قېتىملىق ۋەقەلەردە «ئالما گېزىتى؛، «مىڭباۋ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ 2014 - يىلى ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «نۆۋەتتىكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ۋەزىيىتى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاراڭغۇ ھالەتتە» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ «خوڭكوڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خوڭكوڭدىكى سودا ساھەسىدىكىلەرگە، ئەركىن ۋە مۇستەقىل مەتبۇئاتلارنىڭ سودا مۇھىتىدا مۇھىم رولى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىمىز» دېگەن چاقىرىقى نەقىل ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.