ماراكەش سوتىنىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇندىكى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى چىقارغانلىقى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ماراكەش سوتى بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كومپيۇتېر ئىنژېنىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سورتنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بىرقانچە قېتىم كېچىكتۈرگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە سالامەت ھالدا تۈركىيە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماستىن، ماراكەش سوتىنىڭ ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىلىق قارار چىقىرىشى، كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.
بۈگۈن، يەنى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيە، نورۋېگىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ماراكەش ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارنى بۇ خاتا قارارىنى دەرھال ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.
ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 5 قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارىنى، يەنى ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن بۇ يىل 19-ئىيۇل كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابىلانكا ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىدرىس ھەسەن تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) نىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن. ب د ت مۇ ئۇنى «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى» دەپ قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. ئۇنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ماراكەشتىكى ئەلچىخانلىرى ۋە ئادوۋكاتلار جىددىي ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ھېچبىر نەتىجىسى بولمىغان. كۆزەتكۇچىلەر، ماراكەشنىڭ بۇ قارارىدا ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خەلقئارا كەچۇرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە پارلامېنتلار ئارا قۇرۇلغان «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەشنىڭ بۇ سوت قارارىنى دەرھال ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلاشقان.
نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.