فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان
2023.11.09
خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كەتكەن فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكرام نۇرمەمەت 27-ئۆكتەبىر كۈنى سوتقا چىقىرىلغان. ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ۋە يالغان ئىقرار بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى دېگەن.
ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلارنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە ئاشكارىلىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەت 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقىرىلغان، ئۇ «تېررورلۇق» پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىش دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ئىكرام نۇرمۇھەممەت ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىنو ئىشلەش كەسپىدە ئالتە يىل ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ كېيىن بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن قىسقا فىلىملارنى ئىشلىگەن. بۇ فىلىملار خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئىكرام نۇرمەمەت سوتتا ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «مەن قاراڭغۇ ئۆيدە 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدۇم ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىندىم. مەن تۈركىيەدىكى چېغىمدا ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياكى ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشمىدىم» دېگەن.
سوتقا نۇرمەمەتنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىكرام نۇرمەمەت بېيجىڭدىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن ئىكەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكاتنى ياللىشىغا يول قويۇلمىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئادۋوكات ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلغان. بۇ ئادۋوكات ئىكرامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىكرامنىڭ «سەككىز يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن» لىكىنى ئېيتىپ، ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىپ قويۇشنى دېگەن. ئادۋوكات يەنە، ھۆكۈم «بىر ھەپتە ياكى بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن» دېگەن.
ئىكرام نۇرمەمەت بۇ يىل 5-ئايدا تۇتۇلۇپ كېتىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار ئۇنى چاقىرىپ، كىملىك يىتىپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىكرام ئۈرۈمچىگە قايتىشنى رەت قىلغان ۋە تېلېفوننى ئۈزۈۋەتكەن. ئۇنىڭ كېيىن خەۋەر تېپىشىچە، ئۇ ئىستانبۇلدىكى ۋاقتىدا كۈتۈۋالغان بىر ئۇيغۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن ئىكەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن كېيىن، تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۈرمە-لاگېرلارغا سولىغان بولۇپ، 2017-يىل ئىچىدىلا تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتكەن ۋە ھەر بىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يېرىم يىل كېسىلگەن.
ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ 2023-يىل 5-ئايدا بېيجىڭدىن تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر سەر خىللىرىنىڭ تۈرلۈك بەتناملار بىلەن سوتلىنىپ تۈرمىگە يوللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.