ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
2013.11.28
جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقى» نى ئاگاھلاندۇردى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا، ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئىنتىزام، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىندا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۇ يۈەنجى سۆز قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز ئالىي مەكتەپ رەھبىرى كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىك ئىقتىدارلىق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم تەرتىپكە سېلىنىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك ئەلاچى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرگىز مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېگەن.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات، ئوقۇغۇچىلار دىنىي كىيىم كىيىش، روزا تۇتۇشتەك دىنىي خاھىشقا يول قويماسلىقنى تەكىتلىگەن.
ئىلھام توختى گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىدا قىلغان سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە خاتا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل كونا مەنتەقە ۋە تەپەككۇر نىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، دائىرىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش پىكرى كۈلكىلىك، دېگەن.