ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارلامېنت تور بېتىدە ئىمزالىق تەلەپنامە سۇنۇش پائالىيىتى باشلىدى

2018-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارلامېنتقا ئىمزالىق تەلەپ سۇنۇش پائالىيىتى باشلىغان.

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ نامىدا تەييارلانغان تەلەپنامىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بەرپا قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تېگىشلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەرىكەت باشلىنىپ ئىككى كۈن ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن نۇرمەمەت تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ئىمزالىق تەلەپنامە جەدۋىلى ئاۋسترالىيە پارلامېنت تور بېتىدە 12‏-سېنتەبىر كۈنىگە قەدەر ئوچۇق تۇرىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات بۇ تەلەپنامىگە مۇمكىن قەدەر كۆپ كىشىنى ئىمزا قويغۇزۇش ئۈچۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشققا يېتەكلەشكە دەۋەت قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا لاگېرلار مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتىچىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا، بەزىلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت