خىتاينىڭ قەشقەردىكى 31 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.02.09

خىتاي خەۋەرلەر تورى 8-فېۋرال تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، قەشقەردە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارغا بولغان ياردەمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەشقەردە 31 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى مالىيە ۋە باج، پۇل-مۇئامىلە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي-مۈلۈك، تېخنىكا، سانائەت ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كىچىك تىپلىق كارخانىلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى ئازايتىش، سودا ۋە يەككە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش دېگەندەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قەشقەردىكى نۇرغۇنلىغان تونۇلغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى تۇتۇلغان، يۈز مىڭلىغان ئەمگەك كۈچلىرى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا دائىرىلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېتىبار سىياسەتلىرىنى كىمگە بېرىدىغانلىقى گۇمان قوزغىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاز كەم بىر يىل ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى بولۇشتىن باشقا يەنە مەدەنىيەت سورۇنى بولۇشتەك ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ۋە رەسمىي نامى «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا مەركىزى» بولغان چوڭبازار 2022-يىلى 3-ئايلاردا چېقىلغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.