ئىيى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش تەكلىپ لايىھەسى يەنە رەت قىلىندى
2023.01.20
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى 19- يانۋار يەنە پرېزىدېنت ئەردۇغاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. بۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان بۇ ئىككى پارتىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا دائىر تەكلىپ لايىھەسىنى 8-قېتىم رەت قىلىشىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىرقانچە يىل ئىچىدە پارلامېنتقا ئۇيغۇرلار توغرىلىق 18 قېتىم سوئال قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت بۇ سۇئاللارغىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەن. بۇ قېتىمقى تەكلىپ لايىھەسىنى ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسى سۇنغان بولۇپ، تەكلىپ لايىھەسى پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە كۈرتلەرنىڭ خەلقلەر دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
تۈركىيە ئانكا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن ئادنان سەزگىن: «نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى بۇ زىيانكەشلىكنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئىتتىپاقىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقى»، ئۇيغۇرلارغا ئۇچۇر ۋە چاقىرىقلارغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى «ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ھىيلىسىگە چۈشتى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى»نى ئېيتقان. خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فەرۇق گەرگەرلىئوغلۇ، «ھۆكۈمەتنىڭ تارتىنچاق، پاسسىپ ۋە زالىمغا يول ئاچىدىغان بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشى» نى تەلەپ قىلغان.
يېقىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلا ر مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چېكىنىشىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەب بولغانلىقى، لېكىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشىغا خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئارقىدىنلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى.