خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا ئۈندەشنى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تېلېفون ئۇرۇش ياكى ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «كۆز-قۇلاق» بولۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلمەكتە. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قايتىدىن بازارغا سالغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

«شىۋېتسىيە رادىيوسى» نىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون بېرىش ۋە ئېلخەت يوللاش ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدەك شىۋېتسىيەدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ بېرىشكە بۇيرۇغان.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ 12-نويابىر سانىدىكى مەخسۇس ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا قىزىقتۇرماقچى بولغان. شۇلاردىن بىرى بولغان ئەيسا ئىسىملىك بىر ياش بۇنى رەت قىلغاندا خىتاي ساقچىلىرى «سەنغۇ تۈركىيەدە ئۆزۈڭنى ساق-سالامەت دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن. ئەمما بۇ جايدىكى قېرىنداشلىرىڭ ۋە باشقا تۇغقانلىرىڭنى قانداق قىلىسەن؟» دەپ قورقۇتقان. شۇنداقلا «سەن قەيەرگە كەتسەڭمۇ بىز سېنى تاپالايمىز» دەپ ھەيۋە قىلغان.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن رۇنىي ستېنبېرگ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ نېمە بولۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئۇلارنىڭ نىشانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى پارچىلاش ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا گۇمان ئۇرۇقى تېرىش» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت