ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى رىقابەتتىن چۈچۈگەنلىكىنى، مەزكۇر رايون ئاتموسفېراسىنىڭ زور ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كېۋىن ئاندرېۋس بۇ سۆزلەرنى 2-سېنتەبىر ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە چاقىرىلغان «مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە ئانالىزى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خادا تاشلارنى ھەربىي ئايروپورتقا ئايلاندۇرۇش، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارىمايمەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خەتەر، ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ قېلىش.
خىتاي يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر قىسىم مارجان خادا تاشلىرىغا سۈنئىي ئاراللىرى ياساپ، بۇ ئاراللارغا چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، بىرۇنېي، مالايشىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىپ، دېڭىزدا يەر ئىگىلەش قەدىمى تىزلىتىشى ئامېرىكىنىمۇ بىئارام قىلغان ئىدى.
ئاندرېۋس ئەپەندىم بۇ يەردىكى سۈركىلىشلەرنىڭ چوقۇم تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ دەپ قاراۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكلىرىگە ئىككى سۈنئىي ئارال ياسىغان.