خىتاينىڭ سابىق ھۆكۈمرانى جياڭ زېمىن 96 يېشىدا ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.30

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ۋە سابىق باش سېكرىتارى جياڭ زېمىن 30-نويابىر كۈنى شاڭخەيدە 96 يېشىدا ئۆلگەن.

بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى ۋە خىتايغا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىنكى سىياسىي ھەرىكەتلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان:

جياڭ زېمىن 1987-يىلى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان، 1989-يىل تيەنئەنمېىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىنىپ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئون نەچچە يىل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2003-يىلدىكى قۇرۇلتايدا ۋەزىپىسىدىن چۈشكەن بولسىمۇ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ساقلاپ قالغان ۋە باش سېكرىتار خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق كۈچىنى يوقاتمىغان. خۇ جىنتاۋ ھوقۇقتىن چۈشكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭنى باش سېكرىتار قىلىشقا ھەسسە قوشقان ۋە 2013-يىل ئۇنى «كۈچلۈك رەھبەر» دەپ ماختىغان.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا جياڭ زېمىنغا بەزى ئىجابىي باھالار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا جياڭ زېمىن 1993-يىلدىن باشلاپ دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىشنى باشلىغان؛ دېڭ شىياۋپىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇ سىياسەتنى كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرغان؛ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولغان؛ خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مال ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال بازىرىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى باسقان؛ ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت باغلىغان، ھەتتا ئامېرىكا خىتاينىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ پارتلاتقاندىمۇ، ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزمىغان، دېيىلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جياڭ زېمىن ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شىياۋپىڭدىن كېيىنكى خىتاينىڭ 3-ئەۋلاد رەھبىرى بولۇپ، «3 كە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيەسى» نى تەرغىپ قىلغان، 1996-يىل ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نى چىقارغان. 1997-يىل خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، 1999-يىل 4-ئايدىن باشلاپ فالۇنگۇڭچىلارنى قاتتىق باستۇرغان.

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى ھەر خىل بولغان. بەزىلىرى «جياڭ زېمىن ‹ئاق قەغەز ئىنقىلابى›دىن قورقۇپ ئۆلۈپ كەتتى› دېسە، بەزىلىرى ‹ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىدىن ھېساب بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى؛ شى جىنپىڭنى تاللاپ خاتا قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى›» دېيىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.