باي ناھىيەسىدىكى كالا فېرمىسىغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشقا ئورۇنلاشقان

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باي ناھىيەسى تەۋەسىدە قۇرۇلغان «خۇالىڭ كالا فېرمىسى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» نىڭ دائىرىسى 90 مىڭ مو (تەخمىنەن 15 مىڭ گېكتار) كېلىدىغان بولۇپ، بۇ جايغا ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» ئىشقا ئورۇنلاشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇالىڭ كالا فېرمىسىنىڭ دىرېكتورى لى جۈنپىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2020-يىلى باشلانغانلىقىنى، بۇنىڭغا تۆت يېرىم مىليارد سوم (تەخمىنەن 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى، ھازىر بۇ جايدا ئون مىڭدىن ئارتۇق كالا بېقىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بېقىلىۋاتقان كالا سانى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئاساسەن نۆۋەتتە بۇ فېرمىدا باشقا ھايۋانلارنىڭمۇ بېقىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ فېرمىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېر مەھبۇسلىرى ياكى باشقا جايلاردىن توپلانغان نامرات دېھقانلار ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ كۆپلىگەن گۇمانلار مەۋجۇت ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ باقمىچىلىق ماكانىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا بېقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كەڭ تارقالغان ئىدى. بۇ خىل غايەت زور كۆلەملىك فېرمىنىڭ سۈت ۋە گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا شۇ جاينىڭ مۇھىتىنى قايسى دەرىجىدە ۋەيران قىلىدىغانلىقى بولسا بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم سوئال ھېسابلىنىدىكەن.