كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىنىشى كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
2024.12.25
خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، «كانادا تىبەت كومىتېتى» قاتارلىق ئىككى تەشكىلات ۋە بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان 20 خىزمەتچى، مۇتەخەسسىسلەرگە جازا چەكلىمىسى قويغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلاردىن ئۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس ۋە تەنقىدلەر كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ۋە ئۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتقان 14 شەخسنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلاتقا جازا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن سۆز قىلىپ: «بۇ دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرگە بىر جازا قويۇشتەك تىپىك قىلمىشى، ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇ قىلغىنى پەقەت ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىنى ئالغان. بۇ جازا ئەمەلىيەتتە ‹ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى› قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» بىلەن «كانادا تىبەت كومىتېتى» نى نۇقتىلىق ئۆچ ئېلىش نىشانى قىلغان بولۇپ، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسەت ۋە پائالىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئون نەچچە شەخسكە ئېمبارگو قويۇلغانىدى.
2024-يىل 22-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ جازا چەكلىمىسىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز، شۆھرەت زاكىر، پېڭ جيارۇ، ۋۇ يىڭجې قاتارلىق 8 ئەمەلدارغا جازا چەكلىمىسى قويغانىدى.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى 24-دېكابىر كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، «كانادا تىبەت كومىتېتى» ۋە بۇ ئىككى تەشكىلاتتا ئىشلەۋاتقان 20 كىشىگە جازا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
12-ئاينىڭ 25-كۈنى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى پارلامېنتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كانادا تىبەت كومىتېتى» ۋە «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، شۇنداقلا 20 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە جازا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئىككى تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ قەبىھ زوراۋانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ھەمدە تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.