كانادا سوتى كۆچمەنلەر مىنىستىرىنى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كۆچمەنلىك ئىلتىماسىغا 30 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشقا بۇيرۇغان
2024.10.14
كانادانىڭ بىر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئارقىغا سۈرۈپ كېلىۋاتقان، گۈەنتانامودىكى ئىككى سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇنىنىڭ كانادادا ئولتۇراقلىشىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئىلتىماسىغا بىر ئاي ئىچىدە قارار قىلىشنى بۇيرۇغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى بۇ ئىككى دېلونىڭ كېچىكىش سەۋەبىگە قانائەت قىلارلىق چۈشەنچە بەرمىگەن. سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن خېلىل مامۇت بىلەن سالاھىدىن ئابدۇلئەھەت 2001-يىلى «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ ئىككىيلەن، قالغان 20 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن ئامېرىكانىڭ كۇبادىكى گۈەنتانامو بازىسىغا قامىلىپ، 2009-يىلى ئەنگلىيەنىڭ كارىب دېڭىزى رايونىدىكى بېرمۇدا ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ جەرياندا ئۇلاردىن بىرسى كانادا پۇقراسى بولغان ئۇيغۇر ئايال بىلەن، يەنە بىرسى كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كارتىسى بولغان ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلىپ ئائىلە قۇرغان ھەم بالىلىق بولغان. ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى خېلىل مامۇت بىلەن سالاھىدىن ئابدۇلئەھەتنىڭ كاناداغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا جاۋاب بېرىشنى ھازىرغا قەدەر ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن.
كانادا «دۆلەتلىك پوچتىسى» گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوتچى جون نوررىس 8-ئۆكتەبىر بۇ ئىككىيلەننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ئەرزىگە قارار چىقىرىپ، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىلتىماسىنىڭ كېچىكىشىگە «بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن كاناداغا قوبۇل قىلالماسلىق ئەندىشىسى سەۋەب بولغانلىقى» نى ئېيتقان. ھالبۇكى، سوتچى جون نوررىس، دەۋاگەرلەرنىڭ بۇ دېلونىڭ كېچىكىشنى «سۇيىئىستېمال» دەپ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى دېلونىڭ كېچىكىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. سوتچى جون نوررىسنىڭ قەيت قىلىشىچە، سوت كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى مىللېرنى بۇ ئىككى دېلو ئۈستىدىن تېزرەك قارار چىقىرىشقا بۇيرۇسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كانادا «كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارنى قوغداش قانۇنى» دىكى تەلەپلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى يوق ئىكەن.