جاستىن ترۇدو: «كانادا ئەمدى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە زوراۋانلىقىغا بويۇن ئەگمەيدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.10.15

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو كانادانىڭ ئەمدى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە زوراۋانلىقىغا، كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادانىڭ «يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو يۇقىرىقى سۆزلەرنى «كانادا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە ئېيتقان ئىكەن.

جاستىن ترۇدو سۆزىدە يەنە «خالىغانچە قولغا ئېلىش، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇش ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى لاگېرلارغا قاماش» قاتارلىق ۋاسىتىلەر ھەرگىزمۇ «ئىجابىي چىقىش يولى ئەمەس» دەپ خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە كانادانىڭ بۇندىن كېيىن شېرىك دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەجبۇرلاش دىپلوماتىيىسى» گە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنىڭ مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.

بۇ ھازىرغىچە خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشتا ئىككىلىنىپ كەلگەن كانادا باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە بۇنداق ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا تەنقىد قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، كانادا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي تەسىرى بار. ھۆكۈمىتىمىز بېيجىڭ بىلەن بولغان سودىنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كوممۇنىست رېجىمغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلمايدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتايغا ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە يەر شارى ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ھەممىمىز ئۈچۈن ئىجابىي يول ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىمىز.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 14-ئۆكتەبىر كۈنى كانادا باش مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن كانادا ھۆكۈمىتىنى «يالغانچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.