كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورى گاردنېر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.22

22-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا تور بىخەتەرلىك سىياسىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كورى گاردنېر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى ۋە كۈچلۈك تەنقىد قىلدى.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا 2018-يىلى ئىمزالانغان ئاسىيانى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قانۇنى (Asia Reassurance Initiative Act)نى خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك ھەرىكىتىنى توسۇش ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىش مۇزاكىرە قىلىندى.

كورى گاردنېر: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىشى ۋىجدانىمىزنى زىل-زىلىگە سېلىشى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىشى كېرەك ئىدى» دەپ تەكىتلىدى.

بۇ يىل ئىيۇندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغانىدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورى گاردنېر مۇشۇ قانۇن لايىھەسىنى كۈچلۈك قوللىغان ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.