كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايغا يول قويۇدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.12.18

ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نېمە ئۈچۈن كورمەسكە سالىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا تەكىتلىشىچە، بېلۇرۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا تىنچ نامايىشچىلارنى ئۇرغان، تەن جازاسى بەرگەن، تۇتقۇن قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمبارگو يۈرگۈزگەن خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى «ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق» نامىدا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغول، خوڭكوڭلۇق ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا كۆز يۇمماقتا ئىكەن.

مەكتۇپتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ رېئاللىقنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەنلىكى تەنقىدلىنىپ: «بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىمىز،» دىيىلگەن. بۇ مەكتۇپنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت تورى ۋە بىز خوڭكوڭلۇقلار تەشكىلاتى قاتارلىق 5 تەشكىلات بىرلىكتە يازغان. بۇنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تەشكىلات خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ 5 تەشكىلات بۇ يىل 6-ئۆكتەبىردە يۇقىرىقى تەشكىلاتلارغا ۋاكالەتەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن ئىدى. لېكىن مەكتۇپتا تەكىتلىشىچە، ئەينى چاغدا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. مەكتۇپتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى باھالاش دوكلاتىنى «بىز بىلەن دەرھال ئورتاقلىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.