ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى «جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق»نى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.14


ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماكس باكۇس «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق»نى رەت قىلدى.

ماكس باكۇس، تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، لى خېپىڭ، ۋاڭ چۈەنجاڭ، شيې ياڭ، شيې يەنيى قاتارلىق ئادۋوكاتلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىش تەلىپى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىسى ئىلھام توختى، ئۈرۈمچىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي پائالىيەتچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

ماكس باكۇس باياناتىدا، «خىتاينىڭ بۇ ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋەدىسىگە سۇئال پەيدا قىلدى» دېگەن. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەش خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى رەت قىلىمەن. پاكىت شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، خىتايمۇ بىردەك ئېتىراپ قىلغان بارلىق دۆلەتلەرگە ئورتاق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىدە، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «جوگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق» تەرەققىيات يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.