دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى كۈچلۈك بولغان خوتەندە يەنە كۆچ كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 3-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى خوتەندە ئۆتكۈزگەن نەچچە مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچىنىڭ شەھەر كوچىلىرىدا شوئار توۋلاپ خەلققە ھەيۋە كۆرسىتىشى دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر ھەرىكەت بۇ يىل 14-فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر ئۈرۈمچى، قەشقەر،خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزگەن 27-فېۋرال ئۈرۈمچى 10 مىڭ كىشىلىك مانېۋىرى، 28-فېۋرال قەشقەر، خوتەنلەردىكى نەچچە مىڭ كىشىلىك مانېۋىردىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ خوتەندە، بۇ خىل مانېۋىرلار ئارقىلىق يەرلىك خەلققە ھەيۋە كۆرسىتىشىگە، خوتەندە دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا بارغانچە كۆپەيگەن خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە خوتەنلىكلەرنىڭ بارلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي، مىللىي زۇلۇملىرىدىن قېچىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق قانۇنسىز يوللار بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا خوتەنلىكلەرنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار سەۋەب بولغان.

رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېنىقلانغان ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ گۇما، قاراقاش ناھىيىلىرىدە يېقىنقى يىللاردا خىتاي ساقچىلىرىغا قارشى ھۇجۇم ۋەقەلىرى نىسبەتەن كۆپ يۈز بەرگەن. بۇلاردىن بۇلتۇر 9-ئايدا يۈز بەرگەن گۇما ساقچىخانا باشلىقى غەيرەت مامۇتنىڭ گەمىدە پارتلاپ ئۆلۈش ۋەقەسى، بۇلتۇر 28-دېكابىر قاراقاشتا يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن تەسىرى چوڭ قارشىلىق ۋەقەلىرىدىن 2014-يىلى 22-مايدىكى ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خوتەن لوپ ناھىيىسى كۆك تېرەك يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بار ئىدى.