لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ چەتئەلگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان ساناقلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى-تۇرسۇناي زىياۋىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمىدە 25-سېنتەبىر كۈنى ساق-ئالامەت ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەن.
تۇرسۇنئاي زىياۋىدىن يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىككىنچى لاگېر شاھىتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىمۇ مىسىردىن ئامېرىكاغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 25-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا نۆۋەتتە تۇرسۇنئاي زىياۋىدىننىڭ ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ «ھازىر ئامېرىكادا بىخەتەر ئىكەنلىكىدىن بەك خاتىرجەم بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
تۇرسۇنئاي زىياۋىدىن 2018-يىلنىڭ باشلىرىدا لاگېرغا قامىلىپ، 2018-يىلى 12-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستان پۇقراسى بولغان يولدىشىنىڭ ياردىمىدە قازاقىستانغا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئۇ قازاقىستانغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ لاگېردىكى 9 ئايلىق تۇتقۇنلۇق ھاياتى ۋە لاگېردىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى بىر بىر قانچە قېتىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېردىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خىتاي ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، خىتايغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق ئۆيىگە تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن ئىدى. ئۇ خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ بېسىمىدا ئاخىرى قازاقىستانندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، يېقىندا تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇرسۇنئاي زىياۋىدىن ھالقىلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىش ۋە سوتقا تارتىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.