لى كېچياڭ خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۈشۈشنىڭ ئېغىر بېسىمىنى ئېتىراپ قىلغان
2015.01.21
شىۋېتسارىيەدە ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىسادى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، تۈنۈگۈن «جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ دۇنياۋى تەسىرلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان.
ئۇ سۆزىدە خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۈشۈشنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە بولغان ئېغىر بېسىمىنى ئېتىراپ قىلغان. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لى كېچياڭ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى، چوڭقۇر قاتلاملاردىكى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە دۇنيا سىياسىي ۋە سودا ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاي ئىقتىسادىغا ئىشىنىشكە چاقىرغان.
ئۇ سۆزىدە باشتىن ئاخىر سودا-سانائەتچىلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا قارىتا ئەندىشىسىنى پەسەيتىشكە تىرىشقان. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى قىلغان بىر سۆزىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆرلەشتىن، ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆرلەشكە يۈزلەنگەنلىكىنى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئىلغارلىشىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆزلىرىدىكى بۇ پەرق ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.